?سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەنلىرىڭلاردۇر

Scan the qr code to link to this page

ھەدىس
شەرھىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن
ئەسەرلەر
تېخىمۇ كۆپ
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەنلىرىڭلاردۇر».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنىنى بايان قىلىپ: ئۇ، قۇرئان كەرىمنى ئۆلچەملىك ئوقۇش، ياد قىلىش، چۈشىنىش ۋە ئىزاھلىرىنى ئۈگىنىش، ئۆزى ئۈگەنگەن قۇرئان كەرىم بىلىملىرىنى باشقىلارغا ئۈگىتىش بىلەن بىرگە ئەمەل قىلغان كىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىستە قۇرئان كەرىمنىڭ سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ئۇ ئاللاھنىڭ سۆزى ئ‍ىكەنلىكتىن ئىبارەت قۇرئان كەرىمنىڭ شەرىپىنى بايان قىلىش.
  2. ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆزى ئۈگىنىپلا توختىماستىن باشقىلارغىمۇ ئۈگەتكەن كىشىدۇر.
  3. قۇرئان كەرىمنى ئۈگىنىش ۋە ئۈگىتىش ئۇنىڭ تىلاۋەت، مەنا ۋە ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

ئەسەرلەر

مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللاندى