پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر كېچىسى ياتىدىغان ئورنىغا كەلگەندە، ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا سۈپلەپ ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس...

Scan the qr code to link to this page

ھەدىس
شەرھىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن
ئەسەرلەر
تېخىمۇ كۆپ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر كېچىسى ياتىدىغان ئورنىغا كەلگەندە، ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا سۈپلەپ ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئاندىن ئىككى ئالقىنى بىلەن بەدىنىدىن قولى يەتكەن جايلارنى سىلايتتى، ئالدى بىلەن بېشىنى، يۈزىنى، بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلايتتى، بۇنى ئۈچ قېتىم قىلاتتى.
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن: ئاخشىمى ئۇخلاش ئۈچۈن كۆرپىسىگە كەلگەندە ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ دۇئا قىلغاندا كۆتۈرگەندەك ئېگىز كۆتۈرۈپ ئازراق تۈپرۈك بىلەن يەڭگىل سۈپلاپ «ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس»سۈرىلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇپ ئاندىن ئىككى ئالقىنى بىلەن بەدىنىدىن قولى يەتكەن جايلارنى سىيلايتتى، بېشى، يۈزى ۋە بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلايتتى، بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرار قىلاتتى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى « ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس» سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئۇنى قولىغا سۈپلەپ ئۇنىڭ بىلەن بەدىنىدىن قولى يەتكەن ئورۇنلارنى سىلاشنىڭ ياخشى كۆرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئەسەرلەر

مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللاندى