?ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋالماڭلار، ھەقىقەتەن شەيتان بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈركۈپ قاچىدۇ

Scan the qr code to link to this page

ھەدىس
شەرھىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن
ئەسەرلەر
تېخىمۇ كۆپ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋالماڭلار، ھەقىقەتەن شەيتان بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈركۈپ قاچىدۇ».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيىھىسسالام ئۆيلەرنى نامازدىن خالى قويۇپ خۇددى ناماز ئادا قىلىنمايدىغان قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋېلىشتىن چەكلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتاننىڭ بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈركۈپ قاچىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئۆيلەردە نەپلە ناماز، ئىبادەت ۋە زىكىرلەرنى كۆپ قىلىشنىڭ ياخشىلىقىنى بايان قىلىدۇ.
  2. قەبرىستانلىقتا ناماز ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلىش بولسا، قەبرە ساھىبى توغرىسىدا چەكتىن ئىشىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە ۋاستە بولۇپ قالىدۇ، جىنازە نامىزى ئادا قىلسا بولىدۇ.
  3. قەبىرنىڭ يېنىدا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەش ساھابىلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمەلىيلەشتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسلام ئۆيلەرنى ناماز ئوقۇلمايدىغان قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىپ قويۇشتىن چەكلىدى.

ئەسەرلەر

مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللاندى