?كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا بۇ ئىككى ئايەت ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ

Scan the qr code to link to this page

ھەدىس
شەرھىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن
ئەسەرلەر
تېخىمۇ كۆپ
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا بۇ ئىككى ئايەت ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەت ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى شۇ كېچىنىڭ يامانلىقىغا كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بەزى رىۋايەتلەردە: كېچىلىك قىيامغا كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن، ياكى باشقا بارلىق زىكىرلەرگە كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن ياكى ئەڭ ئاز بولغاندا كېچىدە قىيامدا تۇرغاندا ئوقۇيدىغان قۇرئان تىلاۋېتىگە كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا سۆزلەرمۇ بار. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇپ، كۇپايە قىلىدۇ دېگەن سۆز بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتنىڭ پەزىلىتى، ئۇ ئىككى ئايەت بولسا :«آمن الرسول...» دېن سۈرىنىڭ ئاخىرغىچە.
  2. بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرى كېچىدە ئۇنى ئوقۇغان كىشىدىن شەيتاننىڭ يامانلىق ۋە ناچارلىقىدىن قوغدايدۇ.
  3. كېچە كۈن ئولتۇرۇش بىلەن باشلىنىدۇ، تاڭ يورۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەسەرلەر

مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللاندى