ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ

Scan the qr code to link to this page

ھەدىس
شەرھىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن
ئەسەرلەر
تېخىمۇ كۆپ
زۇبەير بىن ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ‎﴿ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ‎﴾‏ تەرجىمىسى: «ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر» [سۈرە تەكاسۇر 8-ئايەت] دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، زۇبەير: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنىڭ تۇرمۇش كۆچۈرۋاتقىنىمىز سۇ بىلەن خورمىدىن ئىبارەت بولغان ئىككى قارا نەرسە تۇرسا، قايسى نېمەتتىن سوئال قىلىنىمىز؟دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ھازىر نېمەتلىنىۋاتقان بۇ ئىككى نەرسىدىن چوقۇم سوئال-سوراق قىلىنىسىلەر» دېدى.
ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ئايەت نازىل بولغاندا: ‎﴿ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ*‎﴾‏ تەرجىمىسى: «ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر». يەنى: ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ شۈكىرسىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ بۇنىڭدىن سورىلىسىلەر. زۇبەير بىن ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز قايسى نېمەتتىن سوئال-سوراق قىلىنىمىز؟! بىز نېمەتلىنىۋاتقىنىمىز سوئال سورالغىدەك نەرسە ئەمەس، ئۇ نەرسىلەر خۇرما بىلەن سۇدىن ئىبارەتقۇ؟دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سىلەر ياشاۋاتقان مۇشۇ ھالەتتىكى نېمەتلەردىن سوئال سوراق قىلىنىسىلەر، سۇ بىلەن خورما بولسا ئاللاھنىڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بولغان بىر نېمەتتۇر» دېدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشنى تەكىتلەش.
  2. ئاللاھ تائالا قىلغان نېمەت ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن قىيامەت كۈنىدە بەندە چوقۇم ئۇنىڭدىن سوئال سوراق قېلىنىدۇ.

ئەسەرلەر

مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللاندى