?پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيم نازىل بولغانغا قەدەر سۈرىنىڭ ئايرىلغانلىقىنى بىلمەيتتى

Scan the qr code to link to this page

ھەدىس
شەرھىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن
ئەسەرلەر
تېخىمۇ كۆپ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيم نازىل بولغانغا قەدەر سۈرىنىڭ ئايرىلغانلىقىنى بىلمەيتتى».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بايان قىلىشىچە: قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرىلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نازىل بولۇپ تۇراتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيم نازىل بولغانغا قەدەر سۈرىنىڭ ئايرىلغانلىقى ۋە تۈگىگەنلىكىنى بىلمەيتتى، بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيم نازىل بولغاندا ئىلگىرىكى سۈرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، يېڭى سۈرە ئۈچۈن باشلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيم ئەنپال سۈرىسى بىلەن تەۋبە سۈرىسىدىن باشقا سۈرىلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ.

ئەسەرلەر

مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللاندى